ئەردوغان: بىزنىڭ جاۋابىمىز قەتئىي پەرقلىق بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىراقتا شىئە قوراللىق كۈچلىرىدىن تەشكىل تاپقان نىڭ تۈركىيە سەزگۈر قارايدىغان تەلافەردە تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلغان تەقدىردە، ئەنقەرەنىڭ بېرىدىغان جاۋابىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

599727
ئەردوغان: بىزنىڭ جاۋابىمىز قەتئىي پەرقلىق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلگەن زىياپەتتە مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئەردوغان،  <ھەشدۇششەئبى> نىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق تۈركمەنلەر شەھىرى تەلافەرگە قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا. <ھەشدۇششەئبى> نىڭ مۇسۇلنىڭ 80 كىلومېتىرچە جەنۇبىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر كەلدى، ئەمما، ئۇ ئۇچۇرلاردىن كېيىن  ئەھۋال ئۆزگەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن، پەۋقۇلئاددە ئىلگىرىلەيدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېدى.

تەلافەر بىلەن سىنجارنىڭ سەزگۈر نىشانلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بىز تەلافەردە بۇنداق ئىشنىڭ بولۇشىغا قەتئىي توغرا قارىمايمىز. سىنجاردىمۇ قەتئىي توغرا قارىمايمىز. بۇنىڭ يېرىمى شىئە، يېرىمى سۈننىي. بىز، ئەلۋەتتە مەسىلىگە شىئە، سۈننىي نۇقتىسىدىن ئەمەس،  كۆڭلىمىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە پۈتۈنلەي مۇسۇلمان، دەپ قارايمىز. لېكىن، <ھەشدۇششەئبى> ئەگەر بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلسا، بىزنىڭ قايتۇرىدىغان جاۋابىمىز قەتئىي شەكىلدە پەرقلىق بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر