بېلگىيەدە تۈركىيەدىكى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرگەزمە ئېچىلدى

بېلگىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرگەزمە ئېچىلدى.

596321
بېلگىيەدە تۈركىيەدىكى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرگەزمە ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى تەرىپىدىن مونائىرە مەيدانىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىدە 40 پارچە فوتو سۈرەت كۆرگەزمە قىلىندى.

بېلگىيەدىن كېيىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئېچىلىدىغان ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەردىن تەشكىل تاپقان كۆرگەزمە 29 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى بېلگىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى باسىر ھامارات بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە خەلقىنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسى ناھايتى چوڭ مۇسىبەتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزمۇ بۇ ۋەقە سەۋەبلىك ياۋروپادا ناھايتى چوڭ مۇسبەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بىز بۇ مۇسىبەتنى پۈتكۈل ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئاڭلىشى، كۆرۈشى ۋە ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان رائۇل لاتورررې تېگى مېكسىكىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرۇلۇق مېكسىكىدا ناھايتى كۆپ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانىدىم. بىراق بۇ يەردە كۆرگىنىمىزچىلىك تەسىرى كۈچلۈك ئەمەس ئىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر