فىرات قالقىنىڭ 61 - كۈنىدە 3 پ ك ك، 11 دائېش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى
تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتى (فىرات قالقىنى ھەرىكىتى) نىڭ 61 – كۈنىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى PYD/PKK نىڭ 3، دائېشنىڭ 11 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
595269
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، توقۇنۇشلاردا مارەنىڭ جەنۇبىدا 4 ئۆكتىچىنىڭ شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى، دائېشنىڭ 8، PYD/PKK نىڭ 51 نىشانىنىڭ توپقا تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھەرىكەت دائىرىسىدە، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جۇبباننىڭ جەنۇبى ۋە بۇرجدىكى 4 نىشاننى بومباردىمان قىلىپ، دائېش ئەزاسى 11 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.
باياناتقا قارىغاندا، ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان 1265 كىۋادرات كىلومېتىر جاي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.