فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى 37 تىلدا رەسۋا قىلىنىدۇ

ساياھەت يېتەكلىگۈچىلەر بىرلىكىگە ئەزا 10 مىڭ يېتەكلىگۇچىمۇ چەت ئەللىكلەر بىلەن ھەم تېلېفوندا، ھەمدە يۈزمۇ – يۈز مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىنى ئاڭلىتىدىغان بولدى.

592704
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى 37 تىلدا رەسۋا قىلىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/ دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى 37 تىلدا ئاڭلىتىلىدىغان بولدى.

ساياھەت يېتەكلىگۈچىلەر بىرلىكى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار شۇنداقلا تور بەتلەردە ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مېدىيا ئورگانلىرىدا ئېلان قىلىنىشى پىلانلانغان قىسقا فىلىم ئارقىلىق 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش نىشان قىلىنماقتا.

ساياھەت يېتەكلىگۈچىلەر بىرلىكى تەرىپىدىن باشلانغان خىزمەتلەر دائىرىسىدە «تۈركىيەدە ئوينالماقچى بولغان ئويۇنلارنى ئەيىبلەيمىز» دېگەن تېما ئاستىدا تەييارلىنىدىغان قىسقا فىلىملەر ئارقىلىق تۈركىيە دۆلىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋە ساياھەت ساھەسىگە ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزگەن بەزى خاتا تونۇشلارنىڭ يوقۇتۇلىشى مەقسەت قىلىنماقتا.

ساياھەت يېتەكلىگۈچىلەر بىرلىكىگە ئەزا 10 مىڭ يېتەكلىگۇچىمۇ چەت ئەللىكلەر بىلەن ھەم تېلېفوندا، ھەمدە يۈزمۇ – يۈز مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىنى ئاڭلىتىدىغان بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر