تۈركىيەنىڭ سومالىدىكى ھەربىي مەشىق مەركىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا

سومالىدا قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان تۈركىيە ھەربىي مەشىق مەركىزى يانۋار ئېيىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

588954
تۈركىيەنىڭ سومالىدىكى ھەربىي مەشىق مەركىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 400 موغا يېقىن يەرگە قۇرۇلغان مەركەز، ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق يېتىپ بېرىشقا ئىنتايىن قولاي بىر جايغا جايلاشقان بولۇپ، مۇقدىشو ئايرودۇرۇمىغا بىر، مۇقدىشو پورتى ۋە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختورخانىسىغا 3 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ھەم سومالى ھەم باشقا ئافرىقا ئەللىرىدىن كېلىدىغان مىڭلارچە ئەسكەر مەشىق قىلدۇرۇلىدىغان مەركەزدە، ئۈچ ھەربىي مەكتەپمۇ بار.

ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى <ئافرىقا مۈڭگۈزى> دەپمۇ ئاتىلىدىغان يەرگە جايلاشقان سومالى، شىمالىدا ئەدەن بوغۇزى، شەرقىدە ھىندى ئوكيان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر