شىرناقتا ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى
تېررورچىلار، شىرناقنىڭ بەيتۇششەباپ ناھىيەسىدە ئەسكەرلەر چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسنادا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان بىر بومبىنى پارتلاتتى.
588725
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقنىڭ بەيتۇششەباپ ناھىيەسىدە ئەسكەرلەر چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسنادا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 3 ئەسكەر يارىلاندى.
يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن شىرناق دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.
رايوندا تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى.