تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
ھۇجۇمدا رايوندا بايقالغان بارلىق قورال بازىلىرى ۋە 2 قورغان بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى. 5 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا رايوندا بايقالغان بارلىق قورال بازىلىرى ۋە 2 قورغان بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىتلىسنىڭ تاتۋان ناھىيەسىدە سائەت 15:55 ئۆتكەندىن 15:59 ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە 4 تېررورچىنىڭ ئۇچۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ھەرىكەت جەريانىدا يەنە 2 قورال بازىسى ۋە 1 دىنامىك نىشان بىت – چىت قىلىپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 13:40 ئۆتكەندىن تارتىپ 14:00 كىچە بولغان جەرياندا بولسا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ساقلىنىدىغان زەر تەپە رايونىغا ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا رايوندا بايقالغان بارلىق قورال بازىلىرى ۋە 2 قورغان بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى. 5 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىسنى نەتىجىلىك ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ساق - سالامەت بازىغا قايتىپ كەلدى.