فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائېشنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى.

588034
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائېشنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 8 ئۆكتىچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، دائېشنىڭ 19 ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، «ۋەقەلەردە 22 ئۆكتىچى يارىلاندى، ياردەم بېرىۋاتقان قىسىملىرىمىز زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېدى.

بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ كەفراھ، دۇۋەيبىق، ۋاقەھ ۋە ئارشاققا قاراتقان 9 ھاۋا ھەرىكتىىدە بولسا، دائېشنىڭ 28 ئەزاسى يوقىتىلدى.

دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان جايلاردىكى پارتلاتقۇچ ماددىلارنى تېپىپ، تەسىرسىز ھالەتكە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا؛ ھەرىكەت باشلىغان كۈندىن بۇيان 28 مىنا بىلەن 1036 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ چۇۋۇپ تاشلاندى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى بىلەن قىزىل ئاينىڭ ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى بىلەن رايوندىكى پۇقرالارغا كۈندە ئۈچ ۋاقىت ئىسسىق تاماق بېرىۋاتقانلىقى ۋە سالامەتلىك مۇلازىمىتى قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر