«تۈركىيە بىلەن بولغان قېرىنداشلىقىمىز دائىمىي»

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئېلىيېۋ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنىڭ دائىمىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

587168
«تۈركىيە بىلەن بولغان قېرىنداشلىقىمىز دائىمىي»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئېلىيېۋ 23 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئېنېرگىيە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەمىشە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىلىكىن تەكىتلىدى.

ئېلىيېۋ «تۈركىيە خەلقى مىسلىسىز قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇردى ھەمدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتى. تۈركىيە بىلەن بولغان قېرىنداشلىقىمىز دائىمىيدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر