فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 48-كۈنىدە دائېشنىڭ نۇرغۇن بازىلىرى بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قوزغالغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 48-كۈنىدە دائېشقا تەۋە نۇرغۇن نۇقتا بىتچىت قىلىندى.

586225
فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 48-كۈنىدە دائېشنىڭ نۇرغۇن بازىلىرى بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنىڭ تېررورچىلاردىن تازىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيە باشچىلىقىدا بۇ يىل 2-ئاۋغۇستتا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 48-كۈنىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 84 نۇقتا ۋەيران قىلىندى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا تۇغالى، مۇرايگىل، رايىل، باراگىداخ، سۇۋايرىن، شەيخ رىخ، ياھمۇل، جارىز ۋە قافراھ قاتارلىق جايلاردىكى 10 نۇقتا بومباردىمان قىلىندى، 7 نەپەر دائېش مىلىتانى بىر تەرەپ قىلىندى.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار تەرىپىدىن ياھمۇل بىلەن جارىزدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىمۇ 4 نەپەر دائېش مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.

توقۇنۇشلاردا ئۆكتىچى ئەسكەرلەردىن 3ى ئۆلدى، 14ى يارىلاندى.

ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىپ ھازىرغىچە تەخمىنەن 50 كىلومېتىرلىق جاي كونترول قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر