ئەنقەرەدە 2 ئادەم بومبا ئۆزىنى پارتلاتتى

ساقچىلارنىڭ «تەسلىم بول!» دېگەن چاقىرىقىغا بويسۇنمىغان تېررورچىلار ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتتى.

585259
ئەنقەرەدە 2 ئادەم بومبا ئۆزىنى پارتلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدە تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى.

ئاپتوموبىل بومبا بىلەن تېررورلۇق قىلىش ئالدىدا تۇرغان 2 تېررورچى ھايمانا يولىدا ساقچىلارنىڭ «تەسلىم بول!» دېگەن چاقىرىغا بويسۇنماي ئۆزلىرىنى پارتلاتتى.

ئەنقەرە ۋالىيسى ئەردوغان توپاجا دىيارباكىردىن كەلگەن بىر ئىستىخباراتقا بىنائەن ساقچىلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ۋە ھايمانا يولىدا بىر ئات بېقىش مەركىزىدە تېررورچىلارنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلارنىڭ «تەسلىم بول!» دېگەن چاقىرىقىغا بويسۇنمىغان تېررورچىلار ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتتى. ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشكەن تېررورچىلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلاپ چېقىلدى. 3 – بىر تېررورچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ گۇمان قىلىنماقتا.

تەكشۈرۈش جەريانىدا 200 كېلوگىرام ئاممۇنىي نىترات ماددىسى ۋە پىلاستىك پارتلاتقۇچ ماددىسى قولغا چۈشۈرۈلدى.

ئەنقەرە ۋالىيسى ئەردوغان توپاجا، دەسلەپكى بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا ئادەم بومبىلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان توپاجا تېررورچىلارنىڭ بىرەر چوڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، بىراق ۋەتەنداشلارنىڭ پاش قىلىشى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇتۇقلۇق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا ئاپتوموبىلىغا تۈركىيە بايرىقى ئېسىۋېلىشقانلىقىنى، بارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ خىل گۇمانلىق كىشى ۋە ئاپتوموبىللار ھەققىدە تېخىمۇ سەگەك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر