فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى شىۋېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىدى

شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان «SVD» گېزىتى، تۈركىيەدىن 176 كىشىنىڭ پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

584041
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى شىۋېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 176 ئەزاسى شىۋېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىدى.

شىۋېتسىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «SVD»، كۆچمەنلەر ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەنبە قىلغان ئاساستا، يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە تۈركىيەدىن 176 كىشىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

«SVD» گېزىتى، پاناھلىق تىلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى يازدى.

يەنە بىر تەرەپتىن شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىشخانىسى، پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق كىىشلەرنى تۈركىيەگە ئەۋەتمەسلىك قارارى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىشخانىسى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن 3 كۈن كېيىن ئېلىنغان، ئەمما خەلق ئاممىسىغا كېچىكتۇرۇپ ئېلان قىلىنغان قارارغا بىنائەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن كونكېرت چېتىشلىقى بولغان تۈرك پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ، شىۋېتسىيەدە تۇرۇپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شىۋېتسىيە ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا 15 – ئىيۇلدىكى خائىنلارچە ھەربىي ئىسيانغا كۈچلۈك چېتىشلىقى بولغان كىشىلەرنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر