تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك بالىلارنىڭ تەلىم - تەربىيەسىگە ياردەم قىلىش پىلانى مۇقىملاشتى

تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ تەلىم – تەربىيەسى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان 300 مىليون ياۋرولۇق ياردەم پىلانى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ئۆمىكى ئارىسىدا ئىمزالاندى.

582423
تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك بالىلارنىڭ تەلىم - تەربىيەسىگە ياردەم قىلىش پىلانى مۇقىملاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر ياردەم پىلانى ئارقىلىق ۋاقىتلىق مۇھاپىزەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىك بالىلارنىڭ تۈرك مائارىپ سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە 300 مىڭ سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىغا تۈركچە، 40 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئەرەبچە دەرس ئۆتۈلىدۇ.

سۈرىيەلىك 10 مىڭ ئوقۇغۇچىغا تولۇقلىما دەرسى، 20 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ياردەمچى دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ، 50 مىڭ ئوقۇغۇچىغا مەكتەپكە ئاپىرىش – ئەكېلىش مۇلازىمىتى بېرىلىدۇ.

مەزكۇر لايىھەنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئورۇندىلىپ بولۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر