بىنالى يىلدىرىم: «دائېشنى تازىلىغانغا ئوخشاش ي پ گ نىمۇ تازىلايمىز»

بىنالى يىلدىرىم: «مۇسۇلنى شىئە مىلىتانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، يېڭى بىر يالقۇنغا ئوت تۇتاشتۇرغانلىق بولىدۇ. سۈرىيە ۋە ئىراقتا نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ بوزۇلۇشى رايونغا ھەرگىزمۇ مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بەلكى ئەكسىچە توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېدى.

582772
بىنالى يىلدىرىم: «دائېشنى تازىلىغانغا ئوخشاش ي پ گ نىمۇ تازىلايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جەرابلۇس شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دائېشنى تازىلىغانغا ئوخشاش ي پ گ نىمۇ تازىلايمىز» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنىتى)دا چاقىرىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھەپتىلىك گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى. تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشىنىڭ رايوندىكى تېررورلۇق مەسىلىسى ۋە پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئەھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما، كېرەكلىك دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىنالى يىلدىرىم: «دەل مۇشۇ ۋەجىدىن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە 24 – ئاۋغۇستتا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئىنتايىن مۇھىم. جەرابلۇس تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاندى. سۈرىيەلىكلەر ئۆز زېمىنلىرىغا قايتىشقا باشلىدى. مەكتەپلەر ئېچىلدى، توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. كۈندىلىك تۇرمۇش نۇرمال ھالغا قايتتى» دېدى.

شۇنىڭدەك، مۈنبىچ دائېشتىن تازىلانغان بولسىمۇ، يەنە باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ ي پ گ نىڭ ئۇيەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى، بۇ ئىككىسىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

بىنالى يىلدىرىم: «بىز دائېشنى قانداق چېكىندۈرگەن بولساق, زۆرۈر تېپىلغاندا پ ي د/ ي پ گ نىمۇ تازىلاشنى بىلىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن، سۈرىيە مەسلىسىدە قانداقلا بىر ئىش قىلىنماقچى بولىدىكەن، قانداقلا بىر قەدەم تاشلانماقچى بولىدىكەن بۇنىڭ بىر تەرىپىدە چوقۇم تۈركىيە بولىدۇ» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 911 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنيەسى ۋە 3 مىليوندىن ئارتۇق پاناھلانغۇچى بىلەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈۋاتقان ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، شەھەرنىڭ مەزھەپلەر ئارا توقۇنۇش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مۇسۇلنى شىئە مىلىتانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش يېڭى بىر يالقۇنغا ئوت تۇتاشتۇرغانلىق بولىدۇ. سۈرىيە ۋە ئىراقتا نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ بوزۇلۇشى رايونغا ھەرگىزمۇ مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بەلكى ئەكسىچە توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر