ھاككارىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK ئەزالىرىنىڭ ھەربىي بازىغا تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
580973
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدىكى ھەربىي بازىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 5 ئەسكەر يارىلاندى.
يارىلانغان ئەسكەرلەر ھاككارى دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىندى. خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوندىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.