ئانتونى بىلىنكېن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بومباردىمان قىلىنغان جايلىرىدا تەكشرۈش ئېلىپ باردى

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن زىيارەتتىن كېيىن ئاخباراتچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، بۇنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تولىمۇ تەسىرلىك بىر ئىش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

577947
ئانتونى بىلىنكېن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بومباردىمان قىلىنغان جايلىرىدا تەكشرۈش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ بومباردىمان قىلىنغان جايلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باس ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرى باشلىقى جامالىددىن تۈنەي قارشى ئالدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئانتونى بىلىنكېن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ بومباردىمان قىلىنغان جايلىرىنى  زىيارەت قىلدى. 

ئانتونى بىلىنكېن زىيارەتتىن كېيىن ئاخباراتچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، بۇنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تولىمۇ تەسىرلىك بىر ئىش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانتونى بىلىنكېن: «خەلقنىڭ ۋەكىللىرى جەم بولغان بىر جاينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئايرىم ئىزاھلىنىشقا تېگىشلىك ئەھۋال. تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغان كىشىلەرگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە بۈگۈنكى زىيارتىمنى مۇشۇ يەردىن باشلىدىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر