ماردىندا تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى
PKK تېررورچىلىرىنىڭ يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچىنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.
577099
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK تېررورچىلىرىنىڭ يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچى ئەسكەرلەر بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر ئولتۇرغان ئادەتتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتۈشى ئەسناسىدا پارتلىدى؛ ۋەقەدە 4 ئەسكەر شېھىت بولدى، 6 ئەسكەر يارىلاندى.
يارىدار ئەسكەرلەر نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن ماردىن بىلەن دەرىك ۋە قىزىلتەپە ناھىيەلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.
خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قېچىپ كەتكەن تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى يوقىتىلدى.