يۈكسەكئوۋا ۋە ھاككارىدا جەمئىي 355 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىشنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

576660
يۈكسەكئوۋا ۋە ھاككارىدا جەمئىي 355 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دىيارباكىر، تۇنجەلى ۋە ھاككارى قاتارلىق جايلاردا 8 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 1، تۇنجەلىنىڭ ھوزات ناھىيەسىدە 1 بولۇپ جەمئىي 2 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن سىرت ھەربىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىگە قاراشلىق كەيلانى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.

شۇنداق قىلىپ، 4- ئاۋغۇستتىن بۇيان ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى يۈكسەكئوۋادا 41، ھاككارىدا 314 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر