ئەردوغان: فەتھۇللاھچىلار تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ تەھدىتتۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

575492
ئەردوغان: فەتھۇللاھچىلار تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ تەھدىتتۇر
cumhurbaşkanı erdoğan abd'de.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن  كېيىن TÜRKEN فوندى تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى ۋە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق بىر تېررورىستنى تۈركىيەنىڭ قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئەنقەرەنىڭ ۋاشىنگتوندىنمۇ شۇنداق قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بىزمۇ سىلەردىن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىمىزنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھۆججىتىدە رۇيخەتكە ئېلىنغان بىر تېررورىستنى قايتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. ئەمما سىلەر تېخىچە ئۇنى بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر. <سەۋەبى سوت مەھكىمىسى> دەۋاتىسىلەر. بىر تېررورىستنى بەرمەيدىغان قانداق سوت مەھكىمىسى ئىكەن ئۇ؟ تېررورىستنىڭمۇ سوت مەھكىمىسى بولامدۇ؟» دەپ ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكىنى تۈركىيەنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداشقا چاقىرغان ئەردوغان، «گۈلەننىڭ يېشىل كارتى بارمىش. گىراژدانلىقتىن چىقىرىۋېتىش شۇنچىلىك ئاسان بولغان يەردە، يېشىل كارتنى بىكار قىلىش شۇنداق قىيىنمۇ؟» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس نۇتىقىدا سۈرىيە مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالدى.

ئەنقەرە بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «تېخى ئۈچ كۈن بۇرۇنلا ئىككى ئايروپىلانغا قاچىلانغان قورال – ياراغلار پ ي د ۋە ي پ گ گە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. قەيەردە؟ كوبانىدا. ئىلگىرىمۇ كوبانى قۇرۇغدىلىپ قالغان ھامان ئۇ يەردىكى پ ي د ۋە ي پ گ لىق تېررورىستلارغا ئۈچ ئايروپىلانغا لىق قاچىلانغان قورال – ياراغلار بېرىلگەن، بۇنىڭ يېرىمى دائېشنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن، قالغان يېرىمى پ ي د ۋە ي پ گ نىڭ قولىدا قالغانىدى. پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئەمما سۆزىمىزنى ئاڭلىتالمىدۇق. نۆۋەتتە يەنە ئوخشاش ئويۇن ئوينىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت جانغا زامىن بولۇش بولىدۇ، خالاس» دېدى.

ئەردوغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەلەبنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھەلەبنىڭ ئەسلىدە تۈركىيە بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ شەھىرى بىلەن ھەلەب ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمما باشقىلارنىڭ پىلانى ھەلەبنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلىپ، ھەلەب خەلقىنى غازىئانتەپكە سۈرگۈش قىلىشتۇر. بىز بۇ پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايمىز. تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قاراپ تۇرالمايمىز.»

پەقەت تۈركىيە خەلقىنىلا ئەمەس، پۈتكۈل مەزلۇملارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىنى خاتىرىلىتىپ، «دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ» سىگنالىنى بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر