تۈركىيە ئارمىيەسى: دائېشنىڭ 60 نۇقتىسىغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 24 – ئاۋغۇستتا سۈرىيەدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېشنىڭ چارلاش ۋە كۈزىتىش ئارقىلىق بېكىتىلگەن 60 نۇقتىسى يوقىتىپ تاشلاندى.

574123
تۈركىيە ئارمىيەسى: دائېشنىڭ 60 نۇقتىسىغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، ھەرىكەتنىڭ 28 – كۈنىدە ئۆكتىچىلەردىن تەشكىل تاپقان 5 ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ئازەز – رائى رايونىدىكى باھۋۇرتەھ ۋە جاققەنى كونترۇللۇقى ئاستىغا ئالدى، يېڭى يابان مەھەللىسىنى قولغا كىرگۈزۈش ھەرىكىتى بولسا، داۋام قىلماقتا.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 60 نىشان 171 زەمبىرەك ئوقى بىلەن يوقىتىپ تاشلاندى.

ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ زەيتۇنلۇق (باھۋۇرتەھ) رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 4 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى، ئىككى بىنا بىلەن ئىككى راكېتامىيوتنى يوقىتىپ تاشلىدى.

سۈرىيە چېگراسىدىكى چارلاش ۋە كۈزىتىش خىزمەتلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش باشقارمىسى بىلەن قىزىل ئاي جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە پۇقرالارغا ياردەم قىلىشنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رايون ئاھالىسىگە زىيان يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى، بۇ مەسىلىگە پەۋقۇلئاددە سەزگۈرلۈك بىلەن قاراۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەيدا قىلغان خەۋپنى يوقىتىپ تاشلاپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە ھەمدەم بولۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن «قانۇنلۇق مۇداپىئەلىنىش ھوقۇقى» بىلەن ب د ت نىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش توغرىسىدا چىقارغان قارارلىرى دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر