ب د ت: تۈركىيە ئەڭ كۆپ كۆچمەننى قوبۇل قىلغان دۆلەت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ كۆچمەننى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

571659
ب د ت: تۈركىيە ئەڭ كۆپ كۆچمەننى قوبۇل قىلغان دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇچۇر ئىشلىرى مەركىزىنىڭ ماراكەشتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى فەتھى ئەددەببابى نىيۇ يوركتا كېلەر ھەپتە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان ب د ت مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر يىغىنى ھارپىسىدا ماراكەشنىڭ پايتەختى راباتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە كۆچمەنلەرنى باغرىغا بېسىشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ب د ت نىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1 مىليون 838 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەننى قوبۇل قىلغان. تۈركىيەدىن قالسا 1.5 مىليون بىلەن پاكىستان ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا لىۋان، ئىراق، ئېفىيوپىيە، ئىيوردانىيە، كېنيە، ئۇگاندا، چاد ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر كېلىدۇ.»

دۇنيادا مىنۇتىغا 24 كىشىنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن دەببابى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم شۇنداق يىغىن چاقىرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر