ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ باياناتى دۆلىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويدى

ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باسنىڭ ھەددىدىن ئاشقان باياناتلىرى دۆلىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويدى.

570410
ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ باياناتى دۆلىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلدى. چاۋۇشئوغلۇ جون كېررىيغا باش ئەلچى باسنىڭ باشقۇرۇش خادىمى تەيىنلەنگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىدىن پەيدا بولغان بىئاراملىقىنى يەتكۈزدى.

ئامېرىكا باش ئەلچىسى باس يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىشلىرىنىڭ ۋاقىتلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ: «سىلەرنىڭ باش ئەلچىڭلار تۈركىيەدە ۋالىي ئەمەس، باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تۈزۈك قىلسۇن، ۋىيېننا كېلىشىمى دائىرىسىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلسۇن. ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى تۈركىيەنىڭ ۋالىيسىغا ئوخشاش كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمايمىز» دېگەن ئىدى.

جون كېررىينىڭ تېلېفونى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ نارازىلىقىدىن كېيىن كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر