ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

ئەردوغان: «غايىمىز بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا 2053 – ۋە 2071 – يىللىق نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بىر تۈركىيەنى مىراس قالدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

569353
ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتۈن خەلق ئاممىسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك سۆزىدە قۇربان ھېيتنىڭ پۈتۈن مىللەتكە، ئىسلام دۇنياسىغا ۋە بارلىق ئىنسانىيەتكە خەيرىلىك ئېلىپ كېلىشىنى تېلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسى ئىنتايىن مەخپىي ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، « خەلقىمىز ئۆز ئىرادىسىنى كەمسىتمەكچى بولغان، ھەربىي - سىياسي ئۆزگىرىش، تېرررولۇق ۋە زوۋاۋانلىق بىلەن دۆلەتنى باش ئەگدۈرەلەيدىغانلىقىنى ياكى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالالايدىغانلىقىنى خام خىيال قىلىشقانلارغا ئۇچۇق بىر جاۋاپ قايتۇردى. بۇ خىل نىيەت بىلەن يولغا چىققانلار ئەمدى شۇنى بىلىشىپ قويسۇنكى، 570 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسى ۋە 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 79 مىليون خەلقى بىلەن پۈتۈن تۈركىيە ئۇلارغا كۆكرەك كېرىپ تۇرىۋاتقان بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «غايىمىز بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا 2053 – ۋە 2071 – يىللىق نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بىر تۈركىيەنى مىراس قالدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر