ئىسرائىلىيە تۈركىيەگە تۆلەم پۇلى تۆلەشكە باشلىدى

ئىسرائىلىيە دائىرلىرى ماۋى مارمارا ۋەقەسى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەيدىغان تۆلەم پۇلىنى يېقىندا بېرىدۇ.

568095
ئىسرائىلىيە تۈركىيەگە تۆلەم پۇلى تۆلەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 2010-يىلدىكى ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئىسرائىلىيەنىڭ تۆلەم پۇلى بېرىشى توغرۇلۇق ئىمزالانغان پىرىنسىپ كېلىشىمى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە، ئىسرائىلىيە ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا 20 مىليون دوللار تۆلەم پۇلى بېرىدۇ.

25 كۈن ئىچىدە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلىنى تۈركىيە دائىرلىرى  ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ.

كېلىشىمچە كۆرسىتىلىشچە، بۇنىڭدىن كېيىن ماۋى مارمارا ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى قانۇنىي مەسئۇلىيەتتىن كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

2010-يىلى 31-مايدا غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭغان 6 پاراخوتقا، خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 9 تۈركىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئونلارچە پائالىيەتچى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر