تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى قۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتى

تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى قۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى.

568179
تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى قۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى قۇرۇش يولدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىدى.

قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقى بىلەن ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم كەشىپ ئاگېنتلىقى ئوتتۇرىسىدا سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم قاتنىشى تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى پايتەخت ئەنقەرەدە ئىمزالاندى.

كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان، ياپونىيە ئالەم قاتنىشى سىياسەتلىرىنىڭ مەسئۇلى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى يوسۇكې تىسۇرۇخو ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشتى. تۈركىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ 6 يىلدىن بۇيان ئالەم تەتقىقاتلىرى ساھەسىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىرىنى ئېيتقان مىنىستىر مەھمەت ئارسلان، ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم كەشىپ ئاگېنتلىقى بىلەن ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىشىپ لايىھەلەپ چىققان سىناق خاراكتېرلىك سۈنئىي ھەمراھنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدىن ئالەم ئوربېتىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، كېيىنچە ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسىدا ئورتاق سىناق خىزمەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئالەم قاتنىشى سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىيال، ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئالەم قاتنىشىشى ئىستانسىسىدا سىناق قىلىنىدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق دائىرىسىدە ئوربېتىغا سىناق خاراكتېرلىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر