ئەردوغان، ئوباما ۋە مېركېل بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈركىيەدىن سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

566752
ئەردوغان، ئوباما ۋە مېركېل بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان خىتايدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن قايتىۋېتىپ، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى؛ راققەنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئالاقە ئورنىتىشىنى قارار قىلدۇق. نېمە ئىشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە مۇئەييەنلىشىدۇ. لېكىن، بىز نۆۋەتتە رايوندا مەۋجۇت ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئەگەر بەل قويىۋېتىدىغان بولساق، ئۇ يەرلەرگە دائېش، PKK، PYD، YPG دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئورۇنلىشىدۇ» دېدى.

بۇنىڭغا ئوخشاش خەۋپلەرنىڭ ئىراق ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قىلىنغۇسى بىر ھەرىكەتنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ھالدا، «ئۇ يەردىمۇ PKK ئۆزىگە ماكان تۇتۇشقا تىرىشماقتا. مۇسۇل ۋە شىمالىدىكى تەلافەردە تۈركمەنلەر بار. ئەتە ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

دائېش، PKK، PYD، YPG، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارشى نۇرغۇن فىرونتلارنى ئاچقانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرىكى چاغلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پۈتكۈل بۇ فىرونتلاردا كېرەكلىك كۈرەشنى ئېلىپ بارغۇدەك كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «15 – ئىيۇل مۇساپىسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار بولدى، لېكىن، ئارمىيەمىز تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلدى. ھېچبولمىغاندا ئەسكەرلىرىمىزدە ئىشەنچ پەيدا بولدى. جەرابلۇس ھەربىي ھەرىكىتى ئىرادىمىزنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى ئىدى. بۇنىمۇ ئالاھىدە قىسىم ۋە باشقا ھەربىي قىسىملىرىمىز غەلىبىلىك ھالدا ئىشقا ئاشۇردى.» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئەنقەرەدە ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، خىتايدا ئوباما بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەتراپلىق سۆزلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «ئۇلارغا، ‹بۇ ئادەم 400  مولۇق جايغا سېلىنغان سارىيىدا تۇرۇپ ھېلىھەم كۆرۈشۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، (مېدىيا بىلەن) سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.› دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى بار. 10- ماددا سوت قارار چىقىرىپ بولغۇچە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. يا ئۇنى ۋاقتىدا بىزگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار ياكى سىلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىڭلار، دېدىم» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن يىغىن ئەسناسىدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مېركېلنىڭ پوزىتسىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىنى بۇ يىل ئىچىدە ھەل بولىدۇ، دەپ ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان «ئەردوغان مېركېلنى تىزلاندۇردى» دېگەندەك خەۋەرلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئۇ ياراشمايدىغان بىر ئىبارە. نە مېنىڭ تىزلاندۇرۇشقا ئېھتىياجىم يوق، نە مېركېلنىڭ تىزلىنىشقا... ئۆز باش مىنىستىرلىرى ھەققىدە ئۇنچىلىك بىمەنە سۆزلەرنى ئىشلەتكۈچىلەر ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ سەۋىيەسىزلىكلىرىنى نامايەن قىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر