قالىن: YPG مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن كېلىشىش ھاسىل قىلىنمىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى YPG مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يارىشىش ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.

566864
قالىن: YPG مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن كېلىشىش ھاسىل قىلىنمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، «پۈتكۈل YPG ئۇنسۇرلىرىنىڭ مېنبىجتىن تارىلىنىشى پىكرىمىزدە چىڭ تۇرۇۋاتىمىز. ئامېرىكا، YPG نىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. YPG نىڭ چېكىنگەنلىكىنى بىزنىڭ مەنبەلىرىمىز جەزملەشتۈرمىدى. YPG ئۇنسۇرلىرى فىراتنىڭ غەربىگە ئۆتسە بىزنىڭ يوللۇق نىشانىمىزغا ئايلىنىدۇ» دېدى.

قالىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «YPG بىلەن PYD    PKK نىڭ داۋامىدۇر. بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. بىز سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالىدىغان شەكىلدە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىنىشىنى خالايمىز.»

‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدىمو توختالغان قالىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، ئوباما ۋە پۇتىن بىلەن ھەلەب توغرىسىدا ئايرىم – ئايرىم سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قاچان باشلايدىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا «ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتىمىز. ھېيتتىن ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› نىڭ غەلىبىلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيە چېگراسىنىڭ دائېش مەنسۇپلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلغان قالىن، ھەربىي ھەرىكەتنى رۇسىيە لىدېرى پۇتىننىڭمۇ قوللىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتايدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدىمۇ توختالغان قالىن، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى. جۇمھۇر رەئىسىمىز ۋە باشقا لىدېرلار بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسنىڭ ئايرىم ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدا، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، ئۇچرىشىشلارنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىنىڭ يىلنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىزاھات بېرىپ، «ۋىزىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىدا يىل ئاخىرى، دەيدىغان بىر گەپ يوق. بۇ مەسىلىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش قارار قىلىندى. ۋىزىسىز ئۆتۈش ۋە مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر