تۈركىيە ئارمىيەسى: PKK نىڭ كاتتىباشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 تېررورچى يوقىتىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 12 نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلدى.

565979
تۈركىيە ئارمىيەسى: PKK نىڭ كاتتىباشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 تېررورچى يوقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن سائەت 22:48 – 22:55  ئارىلىقىدا تېررورچىلارنىڭ مەتىنا رايونىدىكى ئۇۋىلىرى بومباردىمان قىلىندى؛ بىر مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى مۇھاكىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق 4 نىشان ئۇتۇقلۇق بىتچىت قىلىندى.

سائەت 22:29 – 00:53 ئارىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى ھاۋا ھەرىكىتىدە،  ھاكۇرك رايونىدىكى 8 نۇقتا ئۇتۇقلۇق ھالدا يوقىتىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىغا قارىتىلغان ئالدىنقى كۈنىدىكى ھاۋا ھەرىكىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە 30 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ گارا رايونىدا ئېنىقلانغان ئىككى نىشاننى ئوققا تۇتۇپ، ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر