ئەردوغان خىتاي سەپىرى ھاپىرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 20 – گ گۇرۇھى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا سەپەر قىلىش ھارپىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

563772
ئەردوغان خىتاي سەپىرى ھاپىرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان يېقىندىن بۇيان غەربتىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ غەلىتە باياناتلارنى بېرىۋاتقانلىقىنى، قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىغا قانداقتۇر تېررور كارىدورى شەكىللىنىشىگە ھەرگىزمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جەرابلۇستا دائېش مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن بەزىلەر بىئارام بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. دۆلىتىمىز ئارمىيەمىز بىلەن بىرلىكتە مەملىكىتىمىزنىڭ ۋە رايوندىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغان. شۇڭا، باشقىلارنىڭ غەلىتە باياناتلارنى ئېلان قىلىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.»

تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم تېررور ئۇنسۇرلىرىغا ئوخشاش جەرابلۇسغا ئورۇنلىشىۋېلىش نىيىتى يوقلۇقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىنىڭ رايون خەلقىنىڭ خۇشاللىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان تېررور ئۇنسۇرلىرىنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىنگەنلىكى توغرۇلۇق توختالغاندا، «تۈركىيە بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش كۈچىگە ئىگە دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشتىنمۇ كۆرە «دۈشمەن بىزگە كەلمىسۇن» دەپلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر