15- ئىيۇل مەخسۇس ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئېچىلدى

تۈرك خەلقىنىڭ 15- ئىيۇلدىكى قەھرىمانلىقلىرىغا دائىر مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان مەخسۇس تور بېكىتى قۇرۇلدى.

556957
15- ئىيۇل مەخسۇس ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: www.15temmuzdirenisi.com ناملىق مەزكۇر تور بېتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي ئىرادىسىگە ئىگە چىققان تۈرك مىللىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانلىرى، 15 – ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىللىي ئىرادە نۆۋەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىدۇ، تور بېكىتىدە يەنە قارشىلىق كۆرسىتىش مۇساپىسىنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ ھېكايىلىرىمۇ ئورۇن ئالىدۇ.

«15 – ئىيۇل شېھىتلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ «قەھرىمان شېھىتلىرىمىز» دېگەن بۆلۈمىمۇ ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە، غەربنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرى جەملەنگەن «نومۇس سىتونى» غىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

www.15temmuzdirenisi.com سەھىپىسىدە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 15 – ئىيۇلدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار خىتابلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر