سۈرىيە چېگراسىدىكى بەزى جايلار «ئالاھىدە خەۋپسىزلىك رايونى» ئېلان قىلىندى

غازىئانتەپنىڭ سۈرىيە چىگراسىدىكى بەزى رايونىرىدا 15 كۈنلۈك «ئالاھىدە خەۋپسىزلىك رايونى» ئېلان قىلىندى.

556036
سۈرىيە چېگراسىدىكى بەزى جايلار «ئالاھىدە خەۋپسىزلىك رايونى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپ ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، سۈرىيە چېگراسىدىكى خەۋپسىزلىك ھالىتىگە ھەمدەم بولۇش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى يۈز بەرگۈسى تەھدىت ۋە خېيىم – خەتەرلەردىن قوغداش مەقسەتلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ دائىرىدە، قارقامىش ناھىيەسىنىڭ بەشقىلىچ – تۈركيۇردۇ ئارىسىدىكى سۈرىيە چېگرا رايونىنىڭ 3 – سېنتەبىر سائەت 17:00 گىچە بولغان 15 كۈن بويىچە «ئالاھىدە خەۋپسىزلىك رايونى» ئېلان قىلىنىشىغا قارار قىلىندى. باياناتتا: «‹ئالاھىدە خەۋپسىزلىك رايونى› ئېلان قىلىنغان جايلاردا ھەر تۈرلۈك قاتناش ۋە ئادەملەرنىڭ كىرىپ – چىقىشىنىڭ كۈنترول قىلىنىشى، نۆۋىتى كەلگەندە مەنئىي قىلىنىشى ۋە كېرەكلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر