ئەردوغان: پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدا فەتھۇللاھچىلار بار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى، بۇنى بىلىش ئۈچۈن پالچى بولۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

554923
ئەردوغان: پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدا فەتھۇللاھچىلار بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، 3 ساقچى شېھىت بولغان، 170 كىشى يارىلانغان تۈنۈگۈن ئەلئازىغدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرۇلۇق توختالدى، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنىڭ پەقەت قان تۆكۈش، تۈركىيە خەلقىنى ئازاب – ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىش، مەملىكەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، تۈركىيەنىڭ ئسىمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئوخشاش مەقسەتتە ۋە ئۆزئارا يېقىن مۇناسىۋەت ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى، يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنكى 20 كۈنلۈك دېموكراتىيەنى قوغداش كۈرىشىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك ۋە دائېشنىڭ بىر – بىرىدىن قىلچە پەرقى يوقلۇقىنى، ھەممىسىنىڭ بىرلا نىشان ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇملاردا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەر ساھەدە مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ئىزچىل كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەزى دوستلىرىمىز پات - پات بىزگە مۇنداق دەيدۇ: <ئالدىنقى سەپنى كېڭەيتمەيلى!> بىزگە نىسبەتەن ئالدىنقى سەپ دېگەندەك بىر مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. بىز بۇ كۈرەشنى قانداقتۇر ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مەيدانلاردا ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، شۇڭا، خەلقىمىز بۇ كۈرەشنى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. غەرب ئەللىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارىتا سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە، قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى قانۇن دائىرىسىدە تەلتۆكۈس تازىلىنىدۇ. بۇ ئارىلىقتا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت ئىچىگە چۆمۈپ كېتىشىنىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. جۈملىدىن بىرقانچە سەمىمىي ۋە دوست دۆلەتلەرنىڭ سىرتىدا، مەلۇم ساندىكى ئەللەرنىڭ سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇشىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. سۈرىيە مەسىلىسىگە كەلسەك، تۈركىيە سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ شۇنچە كۆپ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا بېرىلگەن قورال – ياراغلارنىڭ يېرىمى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ نىڭ، يېرىمى دائېشنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى پۈتكۈل دۇنياغا ئايان. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن، ۋاشىنگتون <ئامېرىكا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى> گە ئاساسەن، فەتھۇللاھ گۈلەننى ئەنقەرەگە تاپشۇرۇپ بېرىشى شەرت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر