تۈركىيە، «سەئۇدى ئەرەبىستان» غا دائىر خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرى، بىنالى يىلدىرىمنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستان» غا ئىشارەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

551437
تۈركىيە، «سەئۇدى ئەرەبىستان» غا دائىر خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ‹فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغانلىقى› توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرى، باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ چانقايا سارىيىدا مېدىيا ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرىمىزنىڭ بەزى باش تەھرىرلەرگە قىلغان سۆزىدە، ‹ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنى دۆلەت سىرتىدىن قوللىغانلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەرگە قانداق قارايسىز؟›دېگەن بىر سوئالغا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىشارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ جاۋاب بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى بەزى خەۋەرلەردە ئورۇن ئالغان ئانالىزلارنىڭ ھەقىقەت بىلەن قەتئىي ئالاقىسى يوقتۇر. دوست ۋە قېرىنداش سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى ھۆكۈمىتىمىزنى ۋە دۆلىتىمىزنى قوللىشى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر