تۈركىيە «مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان دۆلەت» ئۇنۋانىنى ساقلاپ قالدى
خەلقئارا كىرېدتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Moody's تۈركىيەنىڭ «مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان دۆلەت» دەرىجىسىنى ئۆزگەرتمىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Moody's تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنمۇ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ھېچقانداق چېكىنىش بولمىغانلىقى، شۇڭا كىرېدىت دەرىجىسىنىڭ « Baa3» يەنى «مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان دۆلەت» دەرىجىسىنىڭ ئۆزگەرتىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك نەتىجىلىرىنىڭ داۋاملىق كۆزىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
Moody's 18 – ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئانالىزنىڭ 90 كۈن ئىچىدە نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، بۇلتۇر 4 – دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنىڭ « Baa3» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.