بىنگۆلدە شېھىتلەرنىڭ سانى ئالتىگە چىقتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى 1 – ئاۋغۇست بىنگۆلدە ئېغىر يارىلاندۇرغان يەنە بىر ساقچىنىڭمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

542997
بىنگۆلدە شېھىتلەرنىڭ سانى ئالتىگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1– ئاۋغۇست تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىنگۆلدە ئالاھىدە ساقچى قىسىمنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلغا بومبا ھۇجۇمى قىلغان ئىدى. ھۇجۇمدا، بەش ساقچى شېھىت بولغان ۋە تۆت ساقچى يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ساقچىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىدى. ئەھۋالى ئېغىر بولغان يەنە بىر ساقچىمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، شېھىت بولغان ساقچىلارنىڭ سانى ئالتىگە چىققان بولدى.

بىنگۆل ۋالىيسى ياۋۇز سەلىمكۆشگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاھىدە ساقچى قىسمىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقاندا، تېررورىستلار تەرىپىدىن بومبا قاچىلىنىپ، تۈركىيە بايرىقى ئېسىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل بومبا پارتلىتىلغان.

ئاپتوموبىل بومبا پارتلتىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر