ئەردوغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تەكلىپ ئەۋەتتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى يەنىكاپىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

542757
ئەردوغان ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تەكلىپ ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AKP) نىڭ رەئىسى ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (CHP) نىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى (MHP) نىڭ رەئىسى دەۋلەت باھچەلىگە، 7 – ئاۋغۇست يەنىكاپىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلار يىغىلىشى» غا ئىشتىراك قىلىپ، نۇتۇق سۆزلىشى ئۈچۈن تەكلىپ ئەۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر