تۈركىيە گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئەردوغان ھەققىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەققىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە گېرمانىيەدىن بۇ مەسىلىگە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

541632
تۈركىيە گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئەردوغان ھەققىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدىكى «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى دېموكراتىيە يىغىلىشى» ئىشتىراكچىلىرىغا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سىن كۆرۈنۈشلۈك خىتاب قىلىنىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ئونلارچە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان ۋە مىڭلارچە تۈركىيە ۋە گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى دېموكراتىيە يىغىلىشى» غا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سىن كۆرۈنۈش يولى بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنىڭ گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىبراھىم كالىن سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى بۈيۈك قەھرىمانلىق ھېكايىسى يېزىش ئارقىلىق بىتچىت قىلغان مىللىتىمىزنىڭ جۇمھۇر رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنىڭ گېرمانىيە مەھەللىي سوت مەھكىملىرى ۋە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلۇشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشنى خالايمىز ۋە گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق بىر ئىزاھات بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆتمۈشتە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت ۋە نامايىشلىرىغا سۈكۈت قىلغان گېرمان دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى بىر دېموكراتىيە يىغىلىشىنى ‹زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن› دېگەن باھانە بىلەن گۇمان ئاستىغا تىقىپ قويۇشىنى ۋە توسۇپ قېلىشقا تىرىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، «خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى دېموكراتىيە يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئەمەس، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىغا ۋە دېموكراتىيەگە قارشى ئىغۋاگەرلەرگە قارشى يولغا قويۇلۇشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر