سومالى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن نېل ئاكادىمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تۈركىيە داۋاملاشتۇرىدۇ

سومالىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوغلىنىشىدىن كېيىن پەيدا بولغان مائارىپتىكى بوشلۇقىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تولدۇرىدۇ.

541591
سومالى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن نېل ئاكادىمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تۈركىيە داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ موقدىشۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوگان بەكار، سومالى ھۆكۈمىتى پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق ‹نىل ئاكادېمىيەسى› نىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە سومالىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىىشىشى ئارقىسىدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

موقدىشۇدىكى ئەلچىخانا بىناسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بەكار، «نىل ئاكادېمىيەسى قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز، بەزى خىزمەتلەر ئاۋغۇست ئېيىدا قايتىدىن باشلىنىدۇ» دېدى.

بەكار، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە تۈركىيەنى قوللىغان سومالى خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

سومالى ھۆكۈمىتى، 16 – ئىيۇلدا نىل ئاكادېمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ قويۇش ۋە ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە سومالى تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشىنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر