ھاككارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بەزى ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى رايوندىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

540952
ھاككارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بەزى ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان 5 ئەسكەر شېھىت بولدى.

تېررورچىلار يولدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلەرگە ئۇزۇن نورلۇق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 8 نەپەر ئەسكەرنىڭ يارىدار بولۇشىغا سەۋەب بولدى. 

توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايغا نۇرغۇن ساندا بىرونىۋىكلار يوللاندى. ھاۋا ھەرىكىتىمۇ داۋاملاشماقتا.

بۇ جەرياندا شىرناكنىڭ جىزرە ناھىيەسىدىكى جۇدى تېغىدا تۇرۇشلۇق ھىسار تانكا قىسمىمۇ تېررورچىلارنىڭ ئۇزۇن نورلۇق قوراللار بىلەن قىلغان ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى. 1 ئەسكەر يارىدار بولدى.

بىتلىستە تۇرۇشلۇق كارىنجا ژاندارما قوماندانلىغا تېرروچىلار قىلغان ھۇجۇمدىمۇ 1 ئەسكەر يارىدار بولدى.

ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر