ئىسمائىل قەھرامان گۆلباشى ئالاھىدە ساقچى قىسىم باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل قەھرامان « ھەربىي ئۇسياننى توسۇپ قېلىشتا ساقچىلىرىمىزنىڭ بۈيۈك پىداكارلىقى، ئەمگىكى، غەيرىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى چوڭ رول ئوينىدى» دېدى.

540110
ئىسمائىل قەھرامان گۆلباشى ئالاھىدە ساقچى قىسىم باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىنى ھېچ كىشىنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلق ئىرادىسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)غا تەۋە ئىكەنلىكى، قانداقتۇر قوراللىق كۈچلەرگە، شەخسلەرگە ۋەياكى گۇرۇپپىلارغا تەۋە ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىسمائىل قەھرامان «تۈركىيە پۈتۈن خەلقى بىلەن بىرلىكتە بىر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنى  مەغلۇب قىلدى. قولىدا قورال تۇتقانلار خالىغاندا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلالايدىغان بىر دۆلەتتىن، دېموكراتىيە بىلەن مۇجەسسەملەشكەن ۋە ھەربىي ئۆزگىرىشلەرگە ئىشىكىنى تاقىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇق» دېدى. 

ئىسمائىل قەھرامان ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى باشلاپ، گۆلباشى ئالاھىدە ساقچى قىسىم باشقارمىسىدا ھال سوراش زىيارىتىدە بولدى.

ئىسمائىل قەھرىمان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئىسيانى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا شىپالىق تىلىدى ۋە: «ئېغىر بىر ئاپەتلىك ئەھۋال تۇغۇلغان ئىدى. بۇنى توسۇپ قېلىشتا ساقچىلىرىمىزنىڭ بۈيۈك پىداكارلىقى، ئەمگىكى، غەيرىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى چوڭ رول ئوينىدى. ھەممەيلەنگە چوڭقۇر رەخمىتىمىزنى ئېيتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر