مىڭلارچە سوتچى ۋە تەپتىشنىڭ مال - مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى

ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئۈستىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىش قارارى چىقىرىلغان 3049 سوتچى ۋە تەپتىشنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

539869
مىڭلارچە سوتچى ۋە تەپتىشنىڭ مال - مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش دائىرىسدە ئۈستىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىش قارارى چىقىرىلغان 3049 سوتچى ۋە تەپتىشنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەمۇر جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش بىيۇروسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە، ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن نۆۋەتچى سۇلھى جازا مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان تەلەپنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 128 – ماددىسىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر