دۆلەت ئىدارە - ئورگانلىرى 66036 كىشىنى خىزمەتتىن بوشاتتى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنى تازىلاش بويىچە دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە 66 مىڭ 36 كىشى خىزمەتتىن بوشىتىلدى.

539792
دۆلەت ئىدارە - ئورگانلىرى 66036 كىشىنى خىزمەتتىن بوشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە 66 مىڭ 36 كىشى خىزمەتتىن بوشىتىلدى.

ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئىقتىساد بىلەن ئالاقىدار ئىدارە – ئورگانلاردا بولسا، 15 – ئىيۇلدىن بۇيان 5412 كىشى خىزمەتتىن ھەيدەلدى.

ئۇنىۋېرسىتېتلار، دۆلەت دوختۇرخانىلىرى، ئېنېرگىيە بازىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنى، ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى، سەرمايە بازىرى ئورگىنى، تۈركىيە ئىجتىمائىي ئولتۇراق رايون قورۇلۇشى باشقارمىسى TOKI، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، تۈركسات قاتارلىق ئورگانلاردىكى تەكشۈرۈشلەر ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر