تازىلاش ھەرىكەتلىرىدىن ئاكادېمىكلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى

ئەرزۇرۇم، ئافيون، توكات، كارابۈك، كۈتاھيا، مانىسا ۋە قەيسەرىدە جەمئىي 170 ئاكادېمىك، 66 سەھىيە خادىمى 21 دۆلەت مەمۇرى ۋاقىتلىق خىزمىتىدىن توختىتىلدى.

538505
تازىلاش ھەرىكەتلىرىدىن ئاكادېمىكلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانىسادا 21 ئاكادېمىك، مەمۇرىي خىزمەتچى، نىغدەدە 26 ئوقۇتقۇچى قولغا ئېلىندى. 22 ۋىلايەت تەۋەسىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىقى بارلىقى بېكىتىلگەن 18 كىشى تۇتۇلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادۋوكات ۋە سودا – كارخانىچىلارمۇ بار. 141 كىشى بولسا، قولغا ئېلىندى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) نىڭ غازىئانتەپ تەۋەسىدىكى رايونلارغا مەسئۇل ئىمامى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن گۇماندار، قىزى ۋە كۇيئوغلى بىلەن بېلگىيەگە مېڭىش سەپىرىدە قەيسەرى ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر