سەھىيە مىنىستىرلىقى مىڭلارچە كىشىنى خىزمەتتىن بوشاتتى

سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بار مىنىستىرلىق خىزمەتچىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

538953
سەھىيە مىنىستىرلىقى مىڭلارچە كىشىنى خىزمەتتىن بوشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ، يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلۇشى بولغان زۆرۈرى تەدبىرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا ئەزا ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بار مىنىستىرلىق خىزمەتچىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە. مۇناسىۋەتلىك قانۇن ھۆكمىدىكى قارارنامىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن، ئۈستىدىن قارار چىقىرىلىشى 115 مەسئۇل خادىم، 1504 دوختۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 5581 سەھىيە مىنىستىرلىقى خادىمى ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى» دېدى.

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى باشلىغان دەسلەپكى مىنۇتلاردىن تارتىپ سەھىيە جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ چىقارغان سەھىيە خادىملىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن مىنىستىر ئاقداغ، شېھىتلەرگە ئاللاھتىن تىلىدى، تۈرك مىللىتىگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىدار غازىلارغا تېز شىپالىق تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر