مىنىستىر ئالا، نازارەتكە ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى نازارەتكە ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

538833
مىنىستىر ئالا، نازارەتكە ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا، بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 178 نەپىرى گېنېرال – ئادمېرال، 2728 نەپىرى ئوفېتسىر، 7106 نەپىرى باشقا ئۇنۋانلارغا ئىگە 10012 ئەسكەر نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان؛ 151 گېنېرال، 1656 ئوفېتسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5266 ئەسكەر تۇتقۇن قىلىنغان.

ساقچى تەشكىلاتىدا 2901 ساقچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، 1019 نەپىرى تۇتقۇن قىلىندى.

مىنىستىر ئالا، بۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ جازالىنىشى ۋە خەۋپنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر