قىزىلئاي مەيدانى ئۇيغۇرلار بىلەن تېخىمۇ جانلاندى

تۈركيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈركيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە نۆۋىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، 15– ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش ئىسيانىغا قارشى قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلماقتا.

537053
قىزىلئاي مەيدانى ئۇيغۇرلار بىلەن تېخىمۇ جانلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 15 – ئىيۇل كېچىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى مەيدانلارنى تولدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شەھەرلەردىكى مەيدانلاردا، تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، دېموكراتىيە نۆۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈرك – خەلقىنىڭ قايغۇ – ھەسرىتىنى تەڭ ئورتاقلاشتى.

ئەنقەرە خەلقى 24 – ئىيۇل كېچىسىمۇ «دېموكراتىيە نۆۋىتى» داۋاملىشىۋاتقان قىزىلئاي مەيدانىغا قاراپ سەل بولۇپ ئاقتى. مەيداننى لىق تولدۇرغان كىشىلەر، قوللىرىدىكى بايراقلار بىلەن دېموكراتىيە بايرىمى قىلدى. يېرىم كېچىدىن ئاشقان بولسىمۇ مەيداندىن ئايرىلمىغان كىشىلەر، چوڭ پىداكارلىق ئۈلگىسىنى نامايان قىلدى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئۈلگىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. كىچىك قەھرىمان مۇجاھىت قەشقەرلى كېچە سائەت 11 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە قىزىلئاي مەيدانىدىكى سەھنىگە چىقتى. ئۇ مەمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ، «ھەربىي ئۆزگىرىشلەرگە تۈكۈرۈڭلار، رەزىللكنى ئالقىشلىغانلارغا تۈكۈرۈڭلار، ئەھلى سەلىپنىڭ ھاياسىز يۈزىگە تۈكۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىشەنگىلى بولمايدىغان سۆزلىرىگە تۈكۈرۇڭلار» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

مۇجاھىت قەشقەرلى شېئىر ئوقۇۋاتقاندا، قىزىلئايدىكى مەيدانىدا دېموكراتىيە نۆۋىتىدە تۇرۇۋاتقان پۈتكۈل خەلق قايتىدىن جۇشقۇن كەيپىياتقا چۆمدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر