پ ك ك 3 تۈرك ساقچىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك شەرقتە 3 نەپەر ئالاھىدە ساقچى قىسىم خادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
537179
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك 3 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ماردىننىڭ كىزىلتەپە بىلەن شانلىئۇرفانىڭ ۋىرانشەھىر ناھىيەلىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان خەلقئارا يىپەك يولى ئۈستىدە، ساقچى ماشىنىلىرى ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قول بومبا پارتىلتىلدى.
پارتلاشتا يارىلانغان 3 نەپەر ئالاھىدە ساقچى قىسىم خادىمى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.
رايونغا ئەۋەتىلگەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى كەڭ دائىرىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.