نۇمان قۇرتۇلمۇش: مەيدانلاردىكى ئىرادىنى ھېچكەم بۆلەلمەيدۇ

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش تەكىرتاغدا دېموكراتىيە نۆۋىتىدە تۇرۇۋاتقان خەلققە تېلېفوندا خىتاب قىلىپ، مىللىي ئىرادىنى ھېچكىمنىڭ بۆلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

537008
نۇمان قۇرتۇلمۇش: مەيدانلاردىكى ئىرادىنى ھېچكەم بۆلەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش تەكىرتاغدىكى دېموكراتىيە نۆۋىتىگە تېلېفون بىلەن ئىشتىراك قىلدى. ئۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى مەيدانلاردا توپلانغان ئىرادىنى ھېچكىمنىڭ ھېچقاچان بۆلەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ مەيدانلار ھېچقايسى پارتىيەنىڭ مەيدانى ئەمەس. بۇ مەيدانلار ھەم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ھەمدە پۈتكۈل خەلقنىڭ مەيدانلىرىدۇر. بىز داۋاملىق بۇ مەيدانلاردا بىرلىكتە مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقىمىز، ئارىمىزدا پىتنە – پاسات تېرىشقا ئۇرۇنغانلارغا قارشى ھوشىيار تۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر