ئەردوغان: مىللىتىمىز كۈچىنى ۋە قەھرىمانلىقىنى 15-ئىيۇل ھەربىي ئىسيانىدا نامايەن قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىدا خەلقنىڭ كۈچى ۋە قەھرىمانلىقىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

536420
ئەردوغان: مىللىتىمىز كۈچىنى ۋە قەھرىمانلىقىنى 15-ئىيۇل ھەربىي ئىسيانىدا نامايەن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇ رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، لوزان كېلىشىمىنىڭ 90-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتىدا 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا خەلقنىڭ مەردانىلەرچە قارشى تۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىز ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەن خىيانەت قىلمىشلىرىغا تىز پۈكمەي قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە تەرەققىيات يولىدا ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ئەڭ روشەن پاكىتىدۇر.»  

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي ئىرادە ۋە دېموكراتىيە بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىگە بولغان ئاساسلىق پىرىنسپلارنىڭ قىممىتىنىڭ كۈنىمىزدە تېخىمۇ ئوبدان بىلىنگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «قەدىردان مىللىتىمىز ئۆزى سايلىغان ۋەكىللىرىنىڭ قوللىرى بىلەن ئىرادىسىگە قارىتىلغان ھەر قانداق ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا قارشى، ئازدالىق كۈرىشى روھى بىلەن، بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.»

لوزان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچى بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «قەدىردان مىللىتىمىز ئېتىقاد، جاسارەت ۋە پىداكارلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبە لوزان تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇن ساھەسىگە كىرىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ كېلىشىم يېڭى قۇرۇلغان دۆلىتىمىزنىڭ يەر خېتىغا ئوخشايدۇ.»  

ئەردوغان 93يىل ئۆتكەندىن كېيىن ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ 6-، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 17- ئىقتىسادىي كۈچكە ھالىتىگە كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى، 2023 نىشانلىرىغا يەتكۈزۈشكە، 2053 ۋە 2071 غايىسى دائىرىسىدە ئىلگىرىلىشىگە ھېچقانداق كۈچنىڭ توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.                                                                                                                                                                                                                       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر