تۈركىيە گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

535697
تۈركىيە گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «دوست گېرمانىيە خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى چىن دىلىمىزدىن ئورتاقلىشىمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىتتىپاقدىشىمىز گېرمانىيەگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر